2024- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئەنچىڭ شەھىرى يۆشى ناھىيەسى چاڭپۇ بازىرى شۇيفەن كەنتىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلىقتا، كومبايىنلار ئەلا سۈپەتلىك كەنجى شال ئورماقتا.
دابيېشەن تاغلىق رايونىغا جايلاشقان ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئەنچىڭ شەھىرى يۆشى ناھىيەسى تاغلىق رايوندىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىچكىرى تاغلىق رايوندىكى ئېتىزلارنى شارائىتىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئورۇننى دەل جايىدا تاللاپ، ئېتىزلارنى ئالماشتۇرۇش، پارچە- پۇرات يەرلەرنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق تاغلىق رايوندىكى يېزا ئېتىزلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك قىلىپ ئۆزگەرتتى، «ئېتىزلار چاسىلاشقان، يوللار راۋانلاشقان، ئۆستەڭلەر تۇتاشقان، قۇرغاقچىلىق بولسا سۇغىرالايدىغان، كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدىغان» زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېتىز ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، ئاشلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، كوللېكتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋاڭ شيەنگو فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)