كەچ كۈزگە قاراپ ماڭغان پويىز پانۇس دەرەخزارلىقىدىن كېسىپ ئۆتمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
شال ئېتىزى بىلەن پانۇس دەرىخى بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
خەلق تورى، شيامېن، 10- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن بو، جاڭ مېڭ) ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، قاتمۇقات ئورمانلار رەڭدار تۈسكە كىرگەنىدى، شيامېن ئارىلىنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى باغچىلاردا، يول بويلىرىدا، تۇتاش كەتكەن پانۇس دەرەخلىرى رەڭدار «كۈز لىباسى» كىيىپ، قويۇق كۈز مەنزىرىسى بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا ئەكس ئېتىپ، رومانتىك كۈز مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.
شيامېن شەنخەي ساغلاملىق پىيادىلەر يولىنىڭ يېنىدىكى پانۇس دەرەخلىرى. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
شيامېن سىمىڭ سەيلىڭ يولىدىكى پانۇس دەرىخىنىڭ قىپقىزىل پانۇس مېۋىلىرى شاخلارغا لىق تولغانىدى. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
شيامېن 6- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پانۇس دەرىخى ئاستىدا ئارغامچا سەكرىمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
شيامېن جىمېي باغ- ئورمان كۆرگەزمە باغچىسىدا، بولۇق ئۆسكەن ھەر خىل رەڭدىكى پانۇس دەرەخلىرى. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
مەكتەپتىن قايتقاندا، ئوقۇغۇچىلار پانۇس دەرىخى ئاستىدا يولدىن تەرتىپلىك ئۆتمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
شيامېن تۇڭئەن دېڭىز ساھىلى رومانتىك لىنىيەسىدە، رەڭگارەڭ پانۇس دەرەخلىرى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. خۇ كاڭچياڭ فوتوسى
شيامېن سىمىڭ نەنخۇ باغچىسىدىكى پانۇس دەرىخى «پانۇس مېۋىسى» شاخلارغا لىق تولغانىدى. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
شيامېن دۇڭشاۋۋېيدىكى سۈرەتتەك گۈزەل رەڭدار پانۇس دەرەخلىرى. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
شەھەر ئاھالىلىرى پىيادىلەر يولىدا پانۇس دەرىخىنىڭ كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئېگىز- ئېگىز پانۇس دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆتمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى چېن بو فوتوسى
ئارال ئىچىدىكى سىمىڭ رايونىدىكى نەنخۇ باغچىسى، ئارال سىرتىدىكى جىمېي رايونىدىكى باغ- ئورمان كۆرگەزمە باغچىسى ۋە تۇڭئەن رايونىدىكى دېڭىز ساھىلى رومانتىك لىنىيەسى قاتارلىق رايونلاردا، ئالتۇن رەڭلىك پانۇس گۈلى، قىپقىزىل «پانۇس مېۋىسى» بىرلا ۋاقىتتا دەرەخ شاخلىرىغا تولۇپ، قويۇق يېشىل يوپۇرماقلار بىلەن گىرەلىشىپ سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىپ، شامالغا ئەگىشىپ ئىرغاڭلاپ، خۇددى قات -قات ئالتۇن رەڭلىك دولقۇنغا ئوخشاش رەڭدار تۈسكە كىرگەن بولۇپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى .... رەڭگارەڭ پانۇس دەرىخى شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، شيامېننىڭ كۈز پەسلىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىگە ئايلانغانىدى.