ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى
ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، «جۇڭگودا ئۇچرىشىش. شىنجاڭدىكى ئۇچرىشىش» 2024- يىللىق خەلقئارا تاراتقۇلار زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى كانادا، ئامېرىكا، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن جۇڭگوغا كەلدى. ئەمدىلا شىنجاڭغا كېلىشىگە، ئېسىل ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئۇلارنىڭ قەلبىگە قىزىقىش ئۇرۇقىنى چاچتى، شىنجاڭ نېمە ئۈچۈن «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ؟
10- ئاينىڭ 23- كۈنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى «جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساش 1- كەنتى» دېگەن گۈزەل نامى بار توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىگە كېلىپ، كۈسەن مەدەنىيەت چالغۇلىرى كۆرگەزمە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، چالغۇ ياساش ۋارىسلىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلدى، ئۆز قولى بىلەن چالغۇ ياساشنى ھېس قىلدى... بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە شۇ جايدىكى ئۇسسۇلچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش داۋامىدا، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇلىنىڭ جەلپكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەندى.
«ھەر ئون قەدەمدە چوقۇم بىر ھۈنەرۋەننى ئۇچراتقىلى بولىدىغان» «چالغۇ كەنتى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەنتتىكى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى قولدا چالغۇ ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھەممىلا يەردە ئىشىكىگە چالغۇ ياساش كەسپىي ئائىلىسى دېگەن تاختا ئېسىلغان ئائىلىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
چېتىش، تار بېكىتىش، ئاۋاز تەڭشەش... كانادالىق ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىسى بەي ئەنتىڭ قولدا چالغۇ ياساشقا ئىنتايىن قىزىقىپ قالدى، ئۇ جاي قولدا چالغۇ ياساش كەسىپلەر باغچىسىدا، 12 يىللىق چالغۇ ياساش تەجرىبىسىگە ئىگە ياساش ئۇستىسى قەمەر قادىرغا ئەگىشىپ بىرلىكتە دۇتار ياساشنى ئۆگەندى. «چالغۇ ياسايدىغان ماتېرىياللار، ئىشلىتىلگەن سايمانلار قارىماققا ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ھەقىقىي سىناپ ياساپ باققاندىلا، ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، نەپىس چالغۇلارنى قۇراشتۇرۇش ئىنتايىن قىزىقارلىق جەريان ئىكەن، بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات بولدى» دېدى بەي ئەنتىڭ.
كۈسەن مەدەنىيەت چالغۇلىرى كۆرگەزمە مەركىزىدە 50 نەچچە خىل چالغۇ كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 200 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ كەنتتىكى سەنئەتكار ياسىغان غېجەك بار ئىدى. بەي ئەنتىڭ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قەدىمىي چالغۇلارنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ چالغۇ ياساش، چېلىش جەھەتتىكى تالانتىنى كۆردۇق».
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى نۇردۇن ئىسمايىلنىڭ ئۆيىدە پاكىز، رەتلىك ھويلىدىن شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭىدا ساپاق- ساپاق پىشقان ئۈزۈملەر ساڭگىلاپ تۇراتتى، يەنە ئەمدىلا ياسالغان دۇتار، تەمبۇرلار قاتار- قاتار تىزىپ قويۇلغانىدى. چاچلىرى ئاقارغان پېشقەدەم سەنئەتكارلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ داپ، دۇتار چالدى، ياشلار شادىيانە ھالدا ساماۋەر ئۇسسۇلى، چىنە ئۇسسۇلى ئوينىدى، يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرىنى بىرلىكتە شادىيانە ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلدى.
كۆپچىلىك ئىلگىرى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى. تاغلاق كەنتىدە كۆرگەن ئاسما گىلەمدىكى 12 مۇقام كۆرۈنۈشى شۇ دەقىقىدە كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا ھەقىقىي تۈردە نامايان بولدى.
دەسلەپ ئاڭلىغاندا ناخشا- مۇزىكىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدى، يەنە ئاڭلىغاندا ناخشا- مۇزىكا قاينىمىغا كىرىپ كەتتى. ئىسپانىيەدىن كەلگەن ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىسى سۇنويىمۇ بېشىغا چىمەن دوپپا، ئۇچىسىغا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، قولىغا داپ ئېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلار سېپىگە قوشۇلۇپ كەتتى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شادىيانە ناخشا- ئۇسسۇللىرىدىن، يارقىن تەبەسسۇمىدىن ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ» دېدى سۇنويى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي ئورنى(مۇزېي)دا، ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا ناخشا- ئۇسسۇللارغا مىڭ يىللاپ ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت ۋاقىت يىپ ئۇچىنى كۆردى. قىزىل مىڭ ئۆي 38- غارىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن غارىدا، مىلادى 4- ئەسىرنى مەنبە قىلغان تيەنگۇڭدىكى ئايال سازەندىلەر تام رەسىمىگە نەي، كۇڭخوۋ، پىپا، تىزما نەي قاتارلىق كۆپ تۈردىكى چالغۇلار سىزىلغانىدى. مۇزېي ئىچىدىكى تەكرار قويۇلىدىغان ئېكراندا، كارتون شەكلى ئارقىلىق سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەت كۈلى قۇتىسى ئۈستىگە سىزىلغان مىڭ يىل ئىلگىرى كۈسەندە كەڭ ئومۇملاشقان مۇزىكىلىق ئۇسسۇل «سۇمۇجې» رەسىمى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىزما نەي، چوڭ دۇمباقنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلتۈرۈلگەن چالغۇ، شۇكۇڭخوۋ غەربىي ئاسىيادىن كەلتۈرۈلگەن چالغۇ بولۇپ، شەرق- غەرب مەدەنىيلىكى بۇ جايدا ئۆزئارا گىرەلىشپ جۇلالانغانىدى.
پاكىستانلىق ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىسى خاسان بىر مۇزىكا ھەۋەسكارى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، بۇ جايدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقىنى ھېس قىلدىم، شۇنداقلا مول چالغۇ تۈرلىرىدىن بۇ جاينىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان كۆپ خىل مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدىم».
مەنزىرە رايونى، ئاشخانا، دۇكان، ئائىلە زىيارىتى نۇقتىلىرىدا ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى مۇقام ئورۇنلاۋاتقانلار كۆرۈنۈش قىلىنغان ئاسما گىلەم، ماي بوياق رەسىملەرنى پات- پات ئۇچراتتى، بۇلاردا بۇ سەنئەت گۆھىرىنىڭ ئورۇنلىنىش مەنزىرىسى ئەينەن ئىپادىلەنگەنىدى. كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسىدە، چوڭ تىپتىكى چۆكمە شەكىلدىكى ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئۆرۈك چېچەكلىگەندە ئۇچرىشىش . يىپەك يولىدىكى كۈسەن» كۈسەن ناخشا- ئۇسسۇللىرىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي سەنئەت شەكلى بىلەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يۇغۇرۇپ، زامانىۋى سەنئەت ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق، ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرىگە بىر مەيدان ناخشا- ئۇسسۇل كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنى شىنجاڭنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«ھەقىقەتەنمۇ نامىغا لايىق <ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى> ئىكەن!» بەي ئەنتىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا 2- قېتىم كېلىشىم، شىنجاڭدىكى باشقا شەھەرلەرگىمۇ بېرىپ كۆرۈپ، <ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى>نىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن».