ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
1- ئاينىڭ 29- كۈنى، باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى. تەكلىماكان قۇملۇقى ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن بولۇپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەنىدى، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 1- زاۋۇتىنىڭ ئوتتۇرا 12- رايون بۆلىكىدە ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى.
«بۈگۈن بەك سوغۇق، سىز نېفىت ئېلىش ئېغىزى بىلەن تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ توڭلاپ توسۇلۇپ قالغان- قالمىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈڭ، مەن بېرىپ قىزدۇرۇش پېچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا قاراپ باقاي.» ئەتىگەندىلا، بەنجاڭ ۋۇ يەنفېڭ بىلەن خىزمەتچى جۇ خۇڭباۋ ئەمگەك مۇھاپىزەت كىيىمىنى كىيىپ، نەپەسلەنگۈچنى يۈدۈپ، باھار بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى چارلاپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
ئوتتۇرا 12- رايون بۆلىكى غەربىي شىمال نېفىتلىكى بۇ يىل ئىشقا كىرىشتۈرگەن يېڭى رايون بۆلىكى، شۇنداقلا ئەڭ چەت، يىراق رايون بۆلىكىنىڭ بىرى بولۇپ، زاۋۇت بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، نۆۋەتتە ئىككى قۇدۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كۈنىگە 110 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز، 20 توننىدىن ئارتۇق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ. 1- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن باشلاپ، بۇ جاي تۆۋەن ئېقىندىكى خېرىدارلارنى تەبىئىي گاز بىلەن رەسمىي تەمىنلىدى.
ۋۇ يەنفېڭ ئون نەپەر خىزمەتچىنى باشلاپ بۇ جايدا تۇرۇپ، نېفىت- تەبىئىي گاز قۇدۇقىنى باشقۇرۇش ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولدى. سائەت 9لاردا، ئۇلار ئىككى يولغا بۆلۈندى، بىر يولدىكىلەر ۋۇ يەنفېڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قۇدۇق ئېغىزى پارامېتىرى ھەم نېفىت ئېلىش ئېغىزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ يەنە بىر يولدىكىلەر مۇئاۋىن بەنجاڭ گاۋ گوتەينىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى تەبىئىي گاز يىغىۋېلىش قۇرۇلمىسىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.
«چاتاق بولدى، قايتما بېسىم تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپتۇ، توڭلاپ توسۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ.» سائەت 12 لەردە، ئوتتۇرا XC12 قۇدۇقىدا مانومېتىر كۆرسەتكۈچىنىڭ سەل يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالدى، ۋۇ يەنفېڭ بىلەن جۇ خۇڭباۋ دەرھال قايتما بېسىم تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق قۇدۇق ئىچىگە توڭلاشتىن ساقلاش دورىسى قۇيدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئىشلەپچىقىرىش بېسىمى ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشتى.
«بۇ يەردە خەۋەرلىشىش سىگنالى ياخشى ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىشتا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، زاۋۇت تەرەپ بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىمىزگە ۋە خىزمەتداشلارغا تايىنىپ، كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا چارلاپ تەكشۈرۈشتە ھەرقانداق بىر ئىنچىكە تەپسىلاتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ» دېدى جۇ خۇڭباۋ.
ئوتتۇرا 12- رايون بۆلىكىدىكى ئوتتۇرا 102- يانتۇ قۇدۇقتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، بىرنەچچە ئېغىز ئاق رەڭلىك قاڭالتىر ئۆي بار بولۇپ، خادىملار خىزمەت قىلىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جاي ئىدى.
سائەت 15 لەردە، نۆۋەتچىلىك ئۆيىدە كۆزىتىشكە مەسئۇل خادىم شېن ۋۇجۈن بىنورمال ئەھۋالنى بايقىدى: «ۋۇ بەنجاڭ، ئايرىغۇچنىڭ بېسىمىدا داۋالغۇش كۆرۈلۈۋاتىدۇ، دەرھال بىر تەرەپ قىلمىساق بولمايدۇ».
ۋۇ يەنفېڭ تېزلا نەق مەيدانغا يېتىپ باردى. قۇدۇق ئېغىزىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئايرىغۇچنىڭ گاز چىقىرىش ئېغىزىدىكى كىلاپاننى ئېھتىيات بىلەن تەڭشەپ، ئېچىلىش دەرىجىسىنى %15كە توغرىلىدى، بېسىم ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشتى.
«بۇ يەردىكى تەبىئىي گاز قۇدۇقىنىڭ بېسىمى يۇقىرى، مەشغۇلات قىلغاندا چوقۇم ئېھتىياتچان، تەمكىن بولۇش كېرەك» دې−دى ۋۇ يەنفېڭ.
ۋۇ يەنفېڭنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزمىگىنىگە ئۈچ يىل بولدى. يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىككى قۇدۇقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، شۇنداقلا 1- تۈردىكى خەتەرلىك قۇدۇققا تەۋە بولغاچقا، ئۇ خاتىرجەم بولالمايتتى. «رايون بۆلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملاشقاندا، مەن كېلەر يىلى ئۆيگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزىمەن» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
شۇ كۈنى، نېفىت ئېلىش 1- زاۋۇتىنىڭ ئوتتۇرا 12- رايون بۆلىكىگە مەسئۇل بەن- گۇرۇپپا جەمئىي 11 قېتىم چارلاپ تەكشۈرۈپ، بېسىم، تېمپېراتۇرا قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىدىن 400 دىن ئارتۇقنى خاتىرىلىدى، ئىشلەپچىقىرىشتىكى بىنورمال ئەھۋالدىن ئۈچنى بىر تەرەپ قىلدى. سائەت 19 دا، گاۋ گوتەي بازىغا قايتىپ كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلدى.
قاراڭغۇ چۈشكەندە، كېچىلىك بەندىكى خىزمەتچىلەر ئارقا- ئارقىدىن بەن ئالمىشىپ، داۋاملىق ئىش ئورنىدا نۆۋەتچىلىك قىلدى. چوڭ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە، پىرېسلىغۇچنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.