12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى
23:41:57 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى بىر تۈردە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، تۆت تۈردە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككى تۈردە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ھەبىبە)  7- ئاينىڭ 13- كۈنى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» دېيىلدى) ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى بىر تۈردە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا (8000 مېتىرلىق مىللەتلەر ئات بەيگىسى)، تۆت تۈردە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا (1000 مېتىرلىق مىللەتلەر ئات بەيگىسى، 2000 مېتىرلىق مىللەتلەر ئات بەيگىسى، ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش كوللېكتىپى، ئات چاپتۇرۇپ خادا يىغىش كوللېكتىپى)، ئىككى تۈردە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا (1000 مېتىرلىق مىللەتلەر ئات بەيگىسى، 2000 مېتىرلىق مىللەتلەر ئات بەيگىسى) ئېرىشىپ، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش مول ھوسۇل ئالدى.

بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسىگە مەملىكەت بويىچە 12 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن كەلگەن 229 تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ھەر مىللەت تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ئۆزئارا تونۇشۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، مۇسابىقە جەريانىدا ماھارەت سىنىشىپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدا تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىلھام بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى. شەنشى ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى نەنسىلا ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش تۈرىدە، ئەرلەردىن قېلىشمىغۇدەك پارتلاش كۈچى ۋە ئات ئۈستى ماھارىتى بىلەن ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى. «مەن ئات ئۈستى تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق شىنجاڭدا نۇرغۇن ياخشى دوست تۇتتۇم، كەلگۈسىدە مەن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ، ئات مىنىپ ئۇچقاندەك چاپىمەن» دېدى ئۇ.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر كوماندىسىدىن كەلگەن تۆگە توپ تۈرى تەنھەرىكەتچىلىرى ئېسىل تۆگە توپ تۈرى مۇسابىقىسى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى ئات توپ تۈرى تەنھەرىكەتچىلىرىنى مۇسابىقىگە تەكلىپ قىلدى: «كەلگۈسىدە پۇرسەت بولسا چوقۇم يەنە شىنجاڭغا كېلىپ، پامىر ئېگىزلىكىدە تۆگە توپ تۈرى كوماندىسى بىلەن ئات توپ تۈرى كوماندىسى ئارىسىدا <كۈچ سىنىشىمىز>».

شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دۇبېك . ئاقىنبېك كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئات چاپتۇرۇپ خادا يىغىش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە 2- لىككە ئېرىشتى، مۇسابىقىدە ئۇ يەنە نۇرغۇن ياخشى دوست تۇتتى. «بىز كېلەر نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۆپچىلىك ئات ئۈستىدە يەنە كۈچ سىنىشىشقا، مەيدان سىرتىدا يەنە بىللە گۆش يېيىشكە پۈتۈشتۇق» دېدى دۇبېك.

«بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانى بارلىق ۋەكىللەر كوماندىسىنى ياخشى كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بىز ھەممەيلەن شىنجاڭ ياخشى جاي دەپ ئالاھىدە تەرىپلىدۇق.» ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ليۇ خۇڭچىن مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە، بىز چوقۇم گۈزەل شىنجاڭغا يەنە كېلىمىز».

«11- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.» سەنيا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ چاڭفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، سەنيا شەھىرىنىڭ مەيدان- ساراي قۇرۇلۇشى، مۇسابىقە تەشكىللەش، ئۇچۇر تېخنىكا كاپالىتى، ئارقا سەپ مۇلازىمىتى كاپالىتى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. «بۇ قېتىمقى ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنى دېڭىزى زۇمرەتتەك گۈزەل، ئاسمىنى كۆپكۆك بولغان، مەيىن دېڭىز شامىلى چىقىپ تۇرىدىغان ئەڭ گۈزەل پەسىلدە، سەنيادا خۇشال- خۇرام جەم بولۇپ، ئىللىق قۇياش نۇرىغا بىللە چۆمۈلۈپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى ئورتاق ئىزھار قىلىپ، تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125